5-بۆلۈم
ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار
«مېھرىبانلىق، ئەقىل مۆمۈنلىكىنىڭ، مۇلايىملىق ھەم ئۇزاق سەۋرلىكنىڭ نازۇك سېزىملىرىگە پۈركۈنەيلى» (كولوسىلىقلارغا 3:12).
توي قىلغاندىن باشلاپ، يىڭى ئائىلە قۇرۇلىدۇ. گەرچە سىز ئاتا-ئانىڭىزنى ھەردائىم ھۆرمەتلەپ، ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، ئەمدى سىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم— ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزدۇر. بەلكىم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ بەزىلىرىگە بۇنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە توغرا كۆزقاراشتا بولۇشقا سىزگە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇلار ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بىلەن ئىناقلىقتا بولۇپ، نىكاھىڭىزنى مۇستەھكەم قىلالايسىز.
1. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا نىسبەتەن توغرا كۆزقاراشنى ساقلاڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەتلە» (ئەفەسلىكلەرگە 6:2). نەچچە ياشتا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزمۇ بىرلىرىنىڭ ئامراق ئوغلى ياكى قىزى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش — ئۇنىڭ پەرزى. «مېھىر-مۇھەببەت قىزغانمايدۇ»، شۇڭا ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن قىزغىنىش نادانلىقتۇر (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4؛ گالاتىلىقلارغا 5:26).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
«ئاتا-ئاناڭ مېنى دائىم كۆزگە ئىلمايدۇ» ياكى «سېنىڭ ئاپاڭ ھېچقاچان رازى بولمايدۇ» دېگەن ئاشۇرما گەپ-سۆزلەردىن نېرى بولۇڭ
-
ھەممە نەرسىلەرگە ھەمراھىڭىزنىڭ نۇقتىئىنەزەرىدىن قاراشقا تىرىشىڭ
2. ئائىلىڭىز ئۈچۈن پەقەت ئۆزىڭىز جاۋابكار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا چاپلىشىدۇ ۋە ئۇلار بىر تەن بولىدۇ» (يارىتىلىش 2:24). ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئاناڭلار ئۆزلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا سىلەر ئۈچۈن جاۋابكار دەپ ئويلاپ، ئائىلىۋى ئىشلىرىڭلارغا ھەددىدىن تاشقىرى ئارىلىشىشى مۇمكىن.
ئائىلىۋى ئىشلىرىڭلارغا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلىشالايدىغانلىقىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن كېلىشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن بۇنى ئاتا-ئانىڭىزغا ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن، ئوچۇق ھەم ئۇدۇل ئېيتسىڭىز بولىدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:1). كىچىك پېئىللىق، مۇلايىملىق ۋە ئۇزاق سەۋرلىك ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا ۋە «مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق» بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ (ئەفەسلىكلەرگە 4:2).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ئائىلىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن بۇ ھەقتە خاتىرجەم شارائىتتا سۆھبەتلىشىڭ
-
نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى قانداق تۇتىدىغانلىقىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار