02-دەرس
مۇقەددەس كىتاب ئۈمىد بېرىدۇ
دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئادەملەر ئازابلىنىۋاتىدۇ، غەم-ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ ۋە ھەتتا ئاغرىپ قېلىۋاتىدۇ. سىز شۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ باققانمۇ؟ بىر كېسەللىك ياكى يېقىنىڭىزنىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانسىز. بەلكىم، «كەلگۈسىدە ھايات ياخشىراق بولارمۇ؟»،— دەپ ئويلايدىغانسىز. مۇقەددەس يازمىلار بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدۇ.
1. مۇقەددەس يازمىلار قانداق ئۈمىد بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب بۇ دۇنيا نېمە ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ۋە پات-ئارىدا يوق بولىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر سىزگە گۈزەل كېلەچەك ھەققىدە ئۈمىد بېرەلەيدۇ (يەرەمىيا 29:11، 12-نى ئوقۇڭ). ئاشۇ ۋەدىلەر ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا ۋە تۈگىمەس خۇشاللىق تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
2. مۇقەددەس كىتابتا قانداق كېلەچەك تەسۋىرلەنگەن؟
مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق بىر كېلەچەك تەسۋىرلەنگەنكى، «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ، نە ماتەم، نە پەرياد ۋەياكى ئاغرىق باشقا بولمايدۇ» (ۋەھىيلەر 21:4-نى ئوقۇڭ). بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق، ئادالەتسىزلىك، ئاغرىق ۋە ئۆلۈمگە ئوخشاش ھاياتتا كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان قىيىنچىلىقلار كېلەچەكتە ئەسلا بولمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.
3. مۇقەددەس كىتاب بېرىدىغان ئۈمىدكە بولغان ئىشەنچىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟
نۇرغۇن ئادەملەر ياخشى ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئۈمىد قىلغانلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر بولسا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇقەددەس يازمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنسەك، شۇ ۋەدىلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز (ئەلچىلەر 17:11). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگىنىڭىزدە، ئۇنىڭدىكى كېلەچەك ھەققىدە ئېيتىلغانلارغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكنى ئۆزىڭىز قارار قىلالايسىز.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
مۇقەددەس كىتابنىڭ كېلەچەك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىڭ. مۇقەددەس كىتاب بېرىدىغان ئۈمىد بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرگە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ.
4. مۇقەددەس كىتاب ئازاب-ئوقۇبەتسىز، مەڭگۈلۈك ھايات ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ
تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەرگە قاراڭ. قايسى ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
ۋەدىلەرنىڭ يېنىدا كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
-
سىزنىڭچە، مۇشۇ ئايەتلەر سىزگە ئۈمىد بېرەمدۇ؟ ئۇلار ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزغا ئۈمىد بېرەلەمدۇ؟
شۇنداق ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ
ھېچكىم . . . |
ھەممە كىشى . . . |
---|---|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
5. مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
نۇرغۇن ئادەملەر ئەتراپىدا بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى كۆرگىنىدە، ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ھەتتا ئاچچىقلىنىدۇ. بەزىلەر شۇنداق ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىدۇ. كېلەچەكتە ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا بېرىلگەن ۋەدىلەر ھازىر ئادەملەرگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ فىلىمدا كۆرگىنىڭىزدەك، رافىكا قانداق ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەن؟
-
گەرچە ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ئادالەتسىزلىك پۈتۈنلەي يوقالمىغان بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتاب ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
كېلەچەك ھەققىدىكى مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەر ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزغا ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە خۇشاللىقنى يوقاتماسلىقىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. پەندى-نەسىھەت 17:22 ۋە رىملىقلار 12:12-نى ئوقۇڭ ۋە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد بېرىدىغان خەۋەرلەر ھازىر ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلايسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى كېلەچەك توغرىسىدىكى ۋەدىلەرگە ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن».
-
سىزنىڭچە، دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
خۇلاسە
مۇقەددەس يازمىلاردا گۈزەل كېلەچەك ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەر بار. ئۇلار بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن ئادەملەر خۇدانىڭ ۋەدىلىرى ھەققىدە بىلىشى زۆرۈر؟
-
مۇقەددەس كىتاب كېلەچەك ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
-
كېلەچەككە بولغان ئۈمىد سىزگە ھازىر قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۈمىد سىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
«ئۈمىد — قەيەردىن ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيسىز؟» («ئويغىنىش!»، 2004-يىل، 22-ئاپرېل)
كېلەچەككە بولغان ئۈمىد سوزۇلما كېسەل بىلەن قىينىلىپ ياشاۋاتقانلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
بۇ مۇزىكىلىق فىلىمنى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى مۇقەددەس كىتابتا ۋەدە قىلىنغان كەلگۈسى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
بىر سىياسىي پائالىيەتچى مۇقەددەس كىتابتىن كېلەچەك توغرىسىدىكى ئۈمىدنى بىلگەندە، قانداق ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى ئوقۇڭ.