52-دەرس
تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە دىققەت قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىشا كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئارزۇ-ئىستەكلىرى بار. ئەگەر مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرقانچە ئاددىي پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلساق، ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان كىيىم-كېچەكنى كىيەلەيمىز ۋە يەھۋانىمۇ خۇشال قىلالايمىز. بۇ پرىنسىپلارنىڭ بەزىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسىدە قايسى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك؟
كىيىنىشىمىز مۇۋاپىق، ئەخلاقلىق ۋە ئوي-پىكىردە ساغلام بولغانلىقىمىزنى ھەمدە پاكىزە تاشقى قىياپىتىمىز خۇدا يولىدا ماڭغان كىشى ئىكەنلىكىمىزنى دائىم ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك (1-تىموتىي 2:9، 10). بۇ تۆت پرىنسىپنى كۆرۈپ باقايلى: (1) كىيىنىشىمىز مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. جامائەت يىغىلىشلىرىدا بايقىغان بولسىڭىز، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق كىيىنىدۇ. كىيىم-كېچەك ۋە چاچ پاسۇنلىرىمىز ئۆزىمىز ئىبادەت قىلىدىغان خۇدانى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. (2) ئەخلاقلىق تاشقى قىياپەت — باشقىلارنىڭ شەھۋانىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغايدىغان ياكى دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان كىيىنىش ۋە ياسىنىشتىن ساقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ. (3) بىز ھەربىر مودىغا ئەگىشىپ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇسلۇبلىرىغا ئەگەشمىسەك، ئوي-پىكىردە ساغلام ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. (4) تاشقى قىياپىتىمىز بىزنىڭ خۇدا يولىدا ماڭىدىغان كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ھەمىشە ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. شۇندىلا باشقىلار بىزنىڭ ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرەلەيدۇ.—1-كورىنتلىقلار 10:31.
2. تاشقى قىياپىتىمىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
گەرچە نېمە كىيىشنى تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار بولسىمۇ، تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىشىمىز كېرەك. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھېچكىمنى رەنجىتمەي، بەلكى باشقىلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ، ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىشقا تىرىشىمىز.—رىملىقلار 15:1، 2-نى ئوقۇڭ.
3. تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارنى يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا قانداق جەلپ قىلالايدۇ؟
بىز ھەربىر سورۇنغا مۇۋاپىق كىيىنىشكە تىرىشساق، بولۇپمۇ جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمىتىگە قاتناشقاندا، كىيىنىشىمىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. تاشقى كۆرۈنۈشىمىزنىڭ كىشىلەرنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلىپ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرنى زىننەتلىشىنى بەكمۇ خالايمىز.—تىتۇس 2:10.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
كىيىنىشىمىز ۋە تاشقى قىياپىتىمىز مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلايلى.
4. مۇۋاپىق تاشقى كۆرۈنۈشىمىز يەھۋانى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ
تاشقى قىياپىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟ زەبۇر 47:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
باشقىلارنىڭ يەھۋاغا بولغان كۆزقارىشىغا تاشقى قىياپىتىمىز تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتساق، قانداق كىيىنىشنى قارار قىلىمىز؟
-
سىزنىڭچە، ئىبادەت يىغىلىشىغا ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتناشقاندا، تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە دىققەت قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
5. قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى تاللاشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
كىيىم-كېچەكلىرىمىز ئەرزان ياكى قىممەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پاكىزە ۋە مەلۇم سورۇنغا ماس كېلىشى كېرەك. 1-كورىنتلىقلار 10:24 ۋە 1-تىموتىي 2:9، 10-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن پاسكىنا، رەتسىز ۋە ھەددىدىن زىيادە ئەركىن-ئازادە كىيىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
-
نېمە ئۈچۈن تار، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان، ئوچۇق ياكى باشقىلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىكىمىز لازىم؟
گەرچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەۋرات قانۇنى ئاستىدا بولمىسىمۇ، بىراق شۇ قانۇنلاردىن يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىنى چۈشىنەلەيدۇ. تەكرار قانۇن 22:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللارغا ياكى ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش كىيىنىش ياكى ياسىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
1-كورىنتلىقلار 10:32، 33 ۋە 1-يۇھاننا 2:15، 16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
تاشقى قىياپىتىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ياكى جامائەتتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىمىز نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
-
سىز ياشاۋاتقان يەردە قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىش مودا بولىۋاتىدۇ؟
-
سىزنىڭچە، قايسى بەزىلىرى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ماس كەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «نېمىنى كىيىشنى خالىسام، شۇنى كىيىش ھوقۇقۇم بار».
-
سىزمۇ شۇنداق ئويلامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
قانداق كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقارساق، يەھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.
تەكرارلاش
-
نېمىشقا كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز يەھۋا ئۈچۈن مۇھىم؟
-
كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان قايسى بەزى پرىنسىپلار بار؟
-
تاشقى قىياپىتىمىز باشقىلارنىڭ پاك ئىبادەتكە بولغان كۆزقارىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
كىيىنىشىڭىز باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
بەدىنىڭىزگە چەكتۈرۈشتىن بۇرۇن، نېمە ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز مۇھىم؟
«مۇقەددەس كىتاب بەدەنگە چەكتۈرۈش ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان يەنە قانداق مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بار؟
«كىيىنىشىڭىز يەھۋانى ئۇلۇغلامدۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2016-يىل، سېنتەبىر)
خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالىغان بىر ئايال باشقىلارنىڭ قارارىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرۈڭ.
«كىيىنىش ۋە ياسىنىش ماڭا پۇتلىكاشاڭ بولغان» («ئويغىنىش!»، 2003-يىل، 22-دېكابىر)