سىز بىلەمسىز؟
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا قۇل بولغانلىقىغا مۇقەددەس كىتابتىن باشقا يەنە قانداق دەلىل-ئىسپاتلار بار؟
مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، مىدىيانلىقلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئائىلە (قەبىلە) باشلىقى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قاناندىن ئايرىلىپ مىسىرغا كۆچۈپ بارغان. ئۇلار نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ساھىلدىكى گوشەن دەپ ئاتالغان يەرگە جايلاشقان (يارىت. 47:1، 6). ئىسرائىلنىڭ «ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، ئۇ يەرنى تولدۇردى ۋە خېلى كۈچىيىپ قالدى». شۇڭا، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، ئۇلارنى قۇل قىلغان.—چىق. 1:7—14.
بەزى تەنقىد قىلغۇچىلار مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ ۋەقەنى رىۋايەت دەپ قارايدۇ. لېكىن، سېمايتلارنىڭ a قەدىمقى مىسىردا قۇل بولغانلىقىغا ئىسپاتلار بار.
مەسىلەن، ئارخېئولوگلار مىسىرنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىن قەدىمكى زاماندىكى تۇرالغۇ ماكانلارنى تېپىۋالغان. جون بىمسون ئىسىملىك مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مىسىرنىڭ شىمالىي رايونىدا سېمايتلارنىڭ 20 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ماكانلىرى بار بولغانلىقىغا ئىسپات بار. بۇنىڭدىن باشقا، مىسىرشۇناس جېيمىس كارل خوفمەيېر مۇنداق دېگەن: «تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1800—1540 يىللار ئارىلىقىدا غەربىي ئاسىيادىكى سېمايت تىلىدا سۆزلەيدىغان خەلقلەر مىسىردا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىنغان». ئۇ يەنە: «بۇ ۋاقىت قەبىلە باشلىقلىرى ياكى [قەبىلە ئۇرۇقداشلىق] دەۋرى يارىتىلىش كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتىغا ماس كېلىدۇ»،— دەپ ئېيتقان.
مىسىرنىڭ جەنۇبىدىن يەنە بىر دەلىل-ئىسپات تېپىلغان. ئوتتۇرا پادىشاھلىق (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2000—1600) دەۋرىگە تەۋە بىر پاپىروستا مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۆيدە ئىشلىگەن قۇللارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 40تىن كۆپرەك قۇلنىڭ ئىسمى سېمايت تىلىدا يېزىلغان. بۇ قۇللار ياكى خىزمەتچىلەر تاماق ئەتكەن، رەخت توقۇغان ياكى يەنە باشقا ئېغىر ئىشلارنى قىلغان. جېيمىس خوفمەيېر مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: «سەبېيددىكى (جەنۇبىي مىسىر) بىر ئۆينىڭ ئۆزىدە قىرىقتىن ئوشۇق سېمايتلار ئىشلىگەن بولسا، دېمەك، پۈتۈن مىسىر دۆلىتى بويىچە، بولۇپمۇ نىل دەرىياسىنىڭ ئېغىزىدىكى رايوندا، ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىدى».
ئارخېئولوگ دېيۋىد رول شۇ قۇللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسىملىرى «دەل مۇقەددەس كىتابنىڭ تېكىستلىرىدا ئۇچرىتىشقا بولىدىغان ئىسىملارغا ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى يازغان. مەسىلەن، مەزكۈر پاپىروستىكى ئىسىملار ئىسساكار، ئاشېر ۋە شىفرا دېگەن ئىسىملارغا ئوخشايدۇ (چىق. 1:3، 4، 15). دېيۋىد رول سۆزىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ — ئىسرائىللار مىسىردا قۇل بولغانلىقىنىڭ روشەن ئىسپاتى».
جون بىمسون مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن مىسىر قۇللۇقى ۋە مىسىردىن چىقىش توغرۇلۇق ۋەقەلەرنىڭ تارىخقا ئاساسلانغان دەلىل-ئىسپاتى بار».
a سېمايت دېگەن نام نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ بىرى سامنىڭ ئىسمىدىن چىققان. سامنىڭ ئەۋلاتلىرى بەلكىم ئېلاملىقلار، ئاسسۇرىيىلىكلەر، قەدىمقى كالدانلىقلار، ئىبرانىيلار، سۈرىيەلىكلەر ۋە ھەر تۈرلۈك ئەرەب قەبىلىلىرى بولغان.