13-تەتقىق ماقالىسى
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۇش
يەھۋا سىزدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ
«مەن سەندىن خۇرسەنمەن».—لۇقا 3:22.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا بىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلساق، ئۇنى قانداق يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىش
1. يەھۋانىڭ بەزى سادىق خىزمەتچىلىرى گاھىدا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشى مۇمكىن؟
مۇقەددەس كىتابتا: «يەھۋا ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر»،— دەپ يېزىلغان. بۇ ھەقىقەتنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ! (زەبۇر 149:4). لېكىن، بەزى كىشىلەر گاھىدا قاتتىق چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ: «يەھۋا مەندىن خۇرسەنمىدۇ؟»،— دەپ سورىشى مۇمكىن. قەدىمقى زاماندا يەھۋانىڭ نۇرغۇنلىغان سادىق خىزمەتچىلىرى شۇنداق ئوي-پىكىرگە قارشى كۈرەش قىلغان.—1-سام. 1:6–10؛ ئايۇپ 29:2، 4؛ زەبۇر 51:11.
2. يەھۋا كىملەردىن خۇرسەن بولغان؟
2 مۇقەددەس كىتاب شۇنى ئېنىق كۆرسەتكەنكى، نامۇكەممەل ئىنسانلار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلالايدۇ. ئەمما، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەيسا مەسىھكە ئىشىنىشى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ۆتۈشى كېرەك (يۇھاننا 3:16). بىز بۇنداق قىلغاندا، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئاشكارا كۆرسىتىمىز (ئەلچى. 2:38؛ 3:19). بىز يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن بۇ قەدەملەرنى باسقاندا، يەھۋا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ياراتقۇچىمىزغا بېغىشلىغاندا بەرگەن قەسىمىمىزنى ئورۇنلاشقا تىرىشساق، يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ ۋە بىزنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى دەپ قارايدۇ.—زەبۇر 25:14.
3. ھازىر قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر گاھىدا يەھۋا ئۇلاردىن خۇرسەن ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ؟ يەھۋا ئۇلاردىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ خۇدا بىزدىن خۇسەن بولغانلىقىغا ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر يەھۋا ئۇلاردىن خۇرسەن ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ؟
4، 5. ئۆزىمىزنى ئەرزىمەس ھېس قىلساقمۇ، نېمىدىن گۇمان قىلماسلىقىمىز كېرەك؟
4 ئارىمىزدا بەزىلىرىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ، ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرۈش ھېس-تۇيغۇسى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدۇق (زەبۇر 88:15). ئادرىئان ئىسىملىك بىر بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەردائىم ئۆزۈمنى ئەرزىمەس ھېس قىلاتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەننەتتە ياشاشنى تىلەپ دۇئا قىلغىنىم تېخى ئېسىمدە بار. ئەمما، مەن ئۆزۈمنى ئۇ يەردە ياشاشقا لايىق ئەمەس دەپ ئويلايتتىم». مەسىھ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولمىغان تونى ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانام ھېچقاچان مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە مەندىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. شۇڭلاشقا، مەن ھەردائىم مەيلى قانداقلا ئىش قىلسام، ئۇلارنى خۇشال قىلالمايمەن، دەپ ئويلايتتىم».
5 ئەگەر بەزىدە ئۆزىمىزنى ئەرزىمەس ھېس قىلساق، يەھۋا بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ (يۇھاننا 6:44). ئۇ بىزدە، بەلكىم ئۆزىمىز كۆرمەيۋاتقان ياخشى پەزىلەتلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ ۋە بىزنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ (1-سام. 16:7؛ 2-تارىخ. 6:30). شۇڭلاشقا، يەھۋا بىزگە قەدىرلىك ئىكەنىمىزنى ئېيتقىنىدا، بىز بۇنىڭدىن قەتئىي گۇمانلانماسلىقىمىز كېرەك.—1-يۇھاننا 3:19، 20.
6. ئەلچى پاۋلۇس ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى توغرۇلۇق ئويلانغاندا، نېمىنى ھېس قىلغان؟
6 بەزىلىرىمىز ھەقىقەتنى تونۇشتىن ئاۋۋال بەزى خاتا ئىشلارنى قىلىپ، نەتىجىدە ھازىرغا قەدەر ئۆزىمىزنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن (1-پېتر. 4:3). ھەتتا خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىمۇ گۇناھكار خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. سىزمۇ شۇنداق قىلىۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس كەمچىلىكلىرى توغرۇلۇق ئويلانغاندا، ئۆزىنى ئىنتايىن بىچارە ھېس قىلغان (رىملىقلار 7:24). ئەلۋەتتە، پاۋلۇس ئاللىقاچان گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى «ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىمەن» ۋە گۇناھكارلارنىڭ «بىرىنچىسى مەن» دېگەنىدى.—1-كورىنت. 15:9؛ 1-تىموت. 1:15.
7. بىز ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز توغرۇلۇق ئويلانغىنىمىزدا، نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
7 توۋا قىلساق، ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (زەبۇر 86:5). ئەگەر ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلساق، يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىمىز ۋە ئۇنىڭ بىزنى كەچۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز.—كولوسى. 2:13.
8، 9. يەھۋانى خۇرسەن قىلغۇدەك ياخشى خىزمەت قىلالمىدىم، دېگەن ھېس-تۇيغۇنى قانداق يېڭەلەيمىز؟
8 بىز ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. بىراق، بەزىلەر يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئەڭ ياخشى دەرىجىدە خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئاماندا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەمىشە چوقۇم كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك، شۇندىلا يەھۋاغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا، دائىم قولۇمدىن كەلگەندىنمۇ ئارتۇق ئىشلارنى قىلىشقا ھەرىكەت قىلىمەن. نەتىجىدە، قىلماي قالغان چاغلاردا ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن ۋە يەھۋامۇ مەندىن ئۈمىدسىزلەندى، دەپ ئويلايمەن».
9 ئەگەر سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلغۇدەك ياخشى خىزمەت قىلالمىدىم دەپ ھېس قىلسىڭىز، بۇ ھېس-تۇيغۇنى قانداق يېڭەلەيسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا ھەددىدىن زىيادە تەلەپچان ياكى قاتتىق قول خۇدا ئەمەس. ئۇ ھەرگىزمۇ بىز قىلالمايدىغان ئىشنى، بىزدىن تەلەپ قىلمايدۇ. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭغا بەرگىنىمىزدە، ئۇ شۇلارنى قەدىرلەيدۇ. يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمەتچىلىرى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، پاۋلۇس نۇرغۇن يىل قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، كۆپلىگەن جامائەتلەرنى قۇرغان. ئەمما، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ، ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە ئازراق قاتناشقاندا، خۇدا ئەمدى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمىغانمۇ؟ ياق. ئۇ قولىدىن كېلىشىچە قىلىشقا تىرىشقان ۋە يەھۋا ئۇنى بەرىكەتلىگەن (ئەلچى. 28:30، 31). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، يەھۋاغا ئىلگىرىكىدەك كۆپرەك خىزمەت قىلالماي قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، خۇدا ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتىكى مەقسىتىمىز. ھازىر يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
10. يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق ئاڭلىيالايمىز؟ (يۇھاننا 16:27)
10 مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق. يەھۋا ئۆزى سۆيگەن كىشىلەردىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا، يەھۋا ئىككى قېتىم ئەيسانى سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى يېزىلغان (مەتتا 3:17؛ 17:5). سىزمۇ يەھۋانىڭ سىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىشىنى خالىغانمۇ؟ گەرچە ھازىر ئاسماندىن بىر ئاۋازنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىمىساقمۇ، بىراق ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىزگە سۆز قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى ئوقۇغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن ئىكەنىنى تەستىقلايدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايمىز (يۇھاننا 16:27-نى ئوقۇڭ). ئۇ ئاتىسىنىڭ ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭلاشقا، بىز ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ نامۇكەممەل، ئەمما سادىق ئەگەشكۈچىلىرىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئوقۇغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ بۇ سۆزلەرنى بىزگە ھەم ئېيتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. —يۇھاننا 15:9، 15.
11. نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ؟ (ياقۇپ 1:12)
11 ئۇ بىزگە ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ. يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار. مەسىلەن، بىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدايدۇ. بەزىدە ئۇ خۇددى سادىق كىشى ئايۇپقا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ جاپا چېكىشىمىزگە يول قويۇشى مۇمكىن (ئايۇپ 1:8–11). لېكىن، قىيىنچىلىقلار يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ (ياقۇپ 1:12-نى ئوقۇڭ). خۇدا ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بەرگەندە، ئۇنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
12. دىمىترىينىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟
12 دىمىترىينىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، بىرقانچە ئاي ئىش ئىزدەپمۇ، ئىش تاپالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋەز قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشنى قارار قىلغان ۋە يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرسەتكەن. بىرقانچە ئايلار ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىش تاپالمىغان. كېيىن دىمىترىي كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان. ئۇ شۇنداق گۇمان قىلىشقا باشلىغان: مەن ياخشى ئەر ۋە ياخشى دادا بولالمىغاچقا، يەھۋا مەندىن خۇرسەن ئەمەس. بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ قىزى بىر ۋاراق قەغەزگە، يەشايا 30:15-ئايەتتىكى سۆزلەرنى يېزىپ دادىسىغا بەرگەن. «تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاپ، ماڭا تايانساڭلار كۈچلۈك بولىسىلەر». قىز كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «دادا كۆڭلۈڭىز يېرىم بولغاندا، بۇ ئايەتنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ»،— دېگەن. دىمىترىي يەھۋانىڭ ياردىمىدە، ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېتەرلىك يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرىدىغان جايغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم پەقەت تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاش ۋە داۋاملىق يەھۋا خۇداغا ئىشىنىش». ئەگەر سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا دۇچ كەلسىڭىز، يەھۋانىڭ سىزگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە بەرداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ.
13. يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىملەرنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
13 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق. يەھۋا ئىمانداشلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ باشقىلارنى مۇۋاپىق ۋاقىت-سائەتتە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرالايدۇ. ئاسىيادىكى بىر قېرىندىشىمىز قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئېغىر كېسەل بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇ: «مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. بەلكىم، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغاچ، ئۇ ئەمدى مەندىن خۇرسەن بولمايۋاتامدىكىن»،— دەپ ئويلىغانىدى. بۇ قېرىندىشىمىز يەھۋا ئۆزىدىن خۇرسەن بولغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئۆتۈنگەن. ئۇ دۇئاسىغا جاۋاب ئالدىمۇ؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جامائەت ئاقساقاللىرى مېنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى ۋە يەھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە ياردەم بەردى». بىراق، مەلۇم بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە يەھۋادىن ياردەم سورىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دەل شۇ كۈنى، مەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇلارنىڭ تەسەللى سۆزلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، يەھۋانىڭ دۇئايىمنى ئاڭلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم». شۇنداق، ھەردائىم باشقىلارنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى ئارقىلىق، يەھۋا بىزدىن خۇرسەن ئىكەنىنى كۆرسىتىدۇ.—زەبۇر 10:17.
14. يەھۋا بىزدىن خۇرسەن ئىكەنىنى يەنە قايسى ئۇسۇلدا كۆرسىتىدۇ؟
14 يەھۋا يەنە زۆرۈر بولغاندا، ئىمانداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە نەسىھەت بېرىپ، بىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردە يەھۋا ئەلچى پاۋلۇسنى ئىشلىتىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا 14 پارچە خەت يازدۇرغان. پاۋلۇسنىڭ ئۇ خەتلىرىدە ناھايىتى ئۇدۇل، ئەمما سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان نەسىھەت سۆزلىرى بار. يەھۋا نېمە ئۈچۈن پاۋلۇسنى بۇنداق نەسىھەتلەرنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان؟ چۈنكى، يەھۋا بىر كۆيۈمچان ئاتا بولۇپ، ئۇ ئۆزى سۆيگەن پەرزەنتلىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ (پەند. نە 3:11، 12). شۇڭا، بىرلىرى بىزگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتلەرنى بەرسە، ئۇ يەھۋانىڭ بىزدىن رەنجىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، بۇ يەھۋانىڭ يەنىلا بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئىبرانىي. 12:6). يەھۋا بىزدىن خۇرسەن ئىكەنىنى باشقا قايسى يوللار بىلەن كۆرسىتىدۇ؟
يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان باشقا دەلىللەر
15. يەھۋا خۇدا كىملەرگە ئۆز مۇقەددەس روھىنى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە قانداق دەلىللەر بار؟
15 يەھۋا ئۆز مۇقەددەس روھىنى بىزگە ئەۋەتىش ئارقىلىق، بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مەتتا 12:18). بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «مەن تۇرمۇشۇمدا مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىۋاتىمەنمۇ؟» سىز يەھۋانى تونۇغاندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، تېخىمۇ سەۋرچان بولدىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سىز مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى قانچە نامايان قىلىشنى ئۆگەنگەنسېرى، يەھۋانىڭ سىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەرنى كۆرەلەيسىز. « مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
16. خۇش خەۋەرنىڭ ۋەز قىلىنىشى ئۈچۈن يەھۋا كىملەرنى ئىشلىتىدۇ ۋە بۇ بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 2:4)
16 يەھۋا ئۆزى خۇرسەن بولىدىغان كىشـىلەرگە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ (1-سالونىكالىقلار 2:4-نى ئوقۇڭ). جاسىلېن ئىسىملىك قېرىنداش باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ كەيپىياتى ناچار ئويغانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمنى كۈچسىز، كېرەكسىزدەك ھېس قىلدىم. بىراق، مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدىم ۋە شۇ مەن ۋەز خىزمەتكە چىقىدىغان كۈن ئىدى. شۇڭا، دۇئا قىلىپ خىزمەتكە چىقىپ كەتتىم». جاسىلېن ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مارى ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى باشلاشقا قوشۇلغان. بىرقانچە ئايدىن كېيىن مارى جاسىلېن ئىشىكىنى قېقىشىدىن بۇرۇن، ئۇ خۇدادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. جاسىلېن شۇ كەچۈرمىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا خۇددى ماڭا: «مەن سەندىن خۇرسەنمەن»،— دەپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم». ئەلۋەتتە، بىز ۋەز قىلىۋاتقان خۇش خەۋەرگە ھەممىلا ئادەم ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمايدۇ. لېكىن، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا بېغىشلىساق، يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.
17. ۋىكى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ تۆلەم ھەققىدىكى ئېيتقانلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ (زەبۇر 5:12)
17 يەھۋا خۇرسەن بولغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق كەچۈرىدۇ (1-تىموت. 2:5، 6). بىراق، بىز تۆلەمگە ئىشىنىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساقمۇ، يەنىلا يەھۋا بىزدىن خۇرسەن ئەمەس دەپ ئويلىساقچۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز ھەردائىم ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئىشەنچ قىلالمايمىز، ئەمما يەھۋاغا ئىشەنچ قىلالايمىز. ئۇ تۆلەمگە ئىشەنگەنلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ ۋە ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (زەبۇر 5:12-نى ئوقۇڭ؛ رىملىقلار 3:26). تۆلەم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋىكى ئىسىملىك قېرىنداشقا ياردەم بەرگەن. بىر كۈنى تۆلەم توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق ھېس قىلغان: «يەھۋا ماڭا ئۇزۇندىن بۇيان سەۋر-تاقەت كۆرسىتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى نۇرغۇن تەرەپلەردە ماڭا كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن يەھۋاغا: «سەن مەندەك كىشىنى سۆيەلمەيسەن، ئوغلۇڭنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى مېنىڭ گۇناھلىرىمنى يۇيالمايدۇ»،— دەپ كەلگەن ئىكەنمەن». ئۇ تۆلەم سوۋغىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. بىزمۇ شۇنداق قىلغىنىمىزدا، خۇدانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز ۋە بىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
18. ئەگەر داۋاملىق ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى سۆيسەك، نېمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟
18 گەرچە بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ چىققان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئەمەلىي ھاياتىمىزدا قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، بەزىدە پات-پات ئۈمىدسىزلىنىپ، يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەنمىدۇ ياكى خۇرسەن ئەمەسمىدۇ؟ دەپ گۇمان قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق گۇمان پەيدا بولسا، يەھۋا ‹ئۇنى سۆيگەنلەردىن› خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ (ياقۇپ 1:12). شۇڭا، داۋاملىق يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇنىڭ سىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا «ھەر بىرىمىزدىن يىراق ئەمەس». —ئەلچى. 17:27.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر يەھۋا ئۇلاردىن خۇرسەن ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ؟
-
يەھۋا بىزدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەك بولىدۇ؟
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش