مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

خۇ‌دانى كىم ياراتتى؟‏

خۇ‌دانى كىم ياراتتى؟‏

يە‌تتە ياشلىق ئوغلى بىلە‌ن پاراڭلىشىۋاتقان بىر ئاتىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ ئۇ ئۆز ئوغلىغا:‏ «ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ خۇ‌دا يە‌ر شارىنى ۋە ئۇ‌نىڭدىكى بارلىق نە‌رسىنى ياراتتى.‏ ئۇ قۇ‌ياش،‏ ئاي،‏ يۇ‌لتۇ‌زلارنى ياراتتى»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بالىسى دادىسىنىڭ سۆزلىرى ئاڭلاپ،‏ بىراز ئويلانغاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭدىن:‏ «دادا،‏ ئۇ‌نداقتا خۇ‌دانى كىم ياراتتى؟‏»—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏

دادىسى:‏ «ئوغلۇ‌م،‏ ئۇ‌نى ھېچ كىم ياراتمىغان.‏ ئۇ ئە‌زە‌لدىن بار ئىدى»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ.‏ بۇ ئاددىي جاۋاب بالىغا ھازىرچە يېتە‌رلىك.‏ ئە‌مما،‏ بالا چوڭ بولۇ‌پ،‏ يە‌نىلا شۇ سوئال ئۇ‌نى قىزىقتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ ئۆز-‏ئۆزىدىن:‏ «ھە‌ممە نە‌رسىنىڭ،‏ ھە‌تتا چە‌كسىز كائىناتنىڭمۇ باشلىنىشى بار تۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نداقتا خۇ‌دا زادى قانداق پە‌يدا بولغان؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ،‏ ئۇ‌يان-‏بۇ‌يان ئويلىنىپ قىينىلىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏ ئە‌سلىدە يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتىنىڭ ئېيتقانلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلارغا كۆپ جە‌ھە‌تلە‌ردىن ماس كېلىدۇ.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ .‏ .‏ .‏ تاغلار تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ يە‌ر يۈزى ۋە مۇ‌نبە‌ت زېمىن ۋۇ‌جۇ‌تقا كېلىشتىن ئاۋۋال‏،‏ ئە‌زە‌لدىن ئە‌بە‌دغىچە خۇ‌دادۇ‌رسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 90:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر بولسا:‏ «سە‌ن بىلمىدىڭمۇ؟‏ ياكى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنىڭ ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋا مە‌ڭگۈلۈك خۇ‌دادۇ‌ر‏»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يە‌شايا 40:‏28‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ باشقا ئايىتىدە،‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌زە‌لدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىلغان.‏—‏يە‌ھۇ‌دا 24‏.‏

بۇ ئايە‌تلە‌ر ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ «مە‌ڭگۈلۈك پادىشاھ» ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏1-‏تىموتىي 1:‏17‏)‏.‏ ئۆتمۈشكە قانچىلىك ئۇ‌زاق نە‌زە‌ر سالمايلى،‏ بۇ خۇ‌دانىڭ ئە‌زە‌لدىن بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتىمۇ ھە‌ردائىم بار بولىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 1:‏8‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌ممىگە قادىر ئاللانىڭ ئە‌زە‌لدىن بار بولۇ‌شى پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا خاس بىر ئاساسىي خۇ‌سۇ‌سىيە‌تتۇ‌ر.‏

نېمە سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئۈچۈن بۇ ئوي-‏پىكىرنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن؟‏ ئۆمرۈمىز قىسقا بولغاچقا،‏ بىزنىڭ ۋاقىت چۈشە‌نچىسىگە بولغان كۆز قارىشىمىز خۇ‌دانىڭكىدىن كۆپ پە‌رقلىنىدۇ.‏ ئاللا مە‌ڭگۈلۈك ئىكە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مىڭ يىل بىر كۈندە‌كتۇ‌ر (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏8‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چېكە‌تكىلە‌رنىڭ بە‌زى تۈرلىرى 50 كۈنگىچە ياشايدۇ.‏ ئاشۇ چېكە‌تكىلە‌ر 70 ياكى 80 يىللىق ئۆمرۈمىزنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌مدۇ؟‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش تە‌س!‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىچە،‏ ياراتقۇ‌چىمىزغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ بىز خۇ‌ددى چېكە‌تكىلە‌رگە ئوخشاش.‏ ھە‌تتا ئوي-‏پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزمۇ خۇ‌دانىڭكىگە قارىغاندا،‏ ئىنتايىن چە‌كلىك (‏يە‌شايا 40:‏22؛‏ 55:‏8،‏ 9‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئىنسان ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ بە‌زى خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىنى تولۇ‌ق چۈشىنىپ يېتە‌لمە‌يدۇ.‏

گە‌رچە خۇ‌دانىڭ ئە‌زە‌لدىن بارلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولسىمۇ،‏ بۇ ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق.‏ ئە‌گە‌ر كىمدۇ-‏بىرسى خۇ‌دانى ياراتقان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئاشۇ شە‌خسنى ياراتقۇ‌چى دە‌پ قارىغان بولاتتۇ‌ق.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى [يە‌ھۋا] ياراتتىڭ» دە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز كائىناتنىڭ ئىلگىرى بىر زامانلاردا مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌سلىكىنى بىلىمىز (‏يارىتىلىش 1:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ قانداق پە‌يدا بولغان؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىر ياراتقۇ‌چى ئۇ‌نى بە‌رپا قىلغان بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا پە‌رىشتىلە‌ر كە‌بى ياراتمىلاردىن ئاۋۋال بار ئىدى (‏ئايۇ‌پ 38:‏4،‏ 7؛‏ كولوسىلىقلار 1:‏15‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ يالغۇ‌ز مە‌ۋجۇ‌ت بولغان.‏ خۇ‌دانىڭ يارىتىلغانلىقى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ‌نى ياراتقان ھېچ كىم يوق.‏

بىزنىڭ ۋە پۈتكۈل كائىناتنىڭ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شى مە‌ڭگۈلۈك خۇ‌دانىڭ بار ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدۇ.‏ پۈتكۈل كائىناتنى ھە‌رىكە‌تكە كە‌لتۈرگە‌ن ۋە ئۇ‌نى باشقۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانۇ‌نلارنى ئورناتقان شە‌خس ئە‌زە‌لدىن بار بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ پە‌قە‌ت ھە‌ممىگە قادىر ئاللا بارچە جان ئىگىلىرىگە ھايات نە‌پىسىنى بە‌رگە‌ن.‏—‏ئايۇ‌پ 33:‏4‏.‏