مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ
مەن ئۈچۈن خۇدا يوق ئىدى
تۇغۇلغان يىلى: 1974
دۆلىتى: گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقا مەلۇمات: ئاتېئىست
ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:
مەن ساكسونىيىدىكى بىر يېزىدا دۇنياغا كەلگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا، ساكسونىيە، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى ئىدى. ئائىلىمىزدە مېھىر-مۇھەببەت ھۆكۈم سۈرگەن. ئاتا-ئانام ماڭا ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى سىڭدۈرگەن. گ د ج كوممۇنىستىك دۆلەت بولغان. شۇ سەۋەبتىن، ساكسونىيىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دىننى مۇھىم دەپ قارىمايتتى. مەنمۇ خۇدانىڭ بار دېگەنگە ئىشەنمەيتتىم. 18 يېشىمغىچە ئاتېئىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى ئۆزۈمگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن ئىدىم.
نېمە ئۈچۈن كوممۇنىزم تەرەپدارى بولدۇم؟ چۈنكى، ئۇنىڭدا بارچە ئىنسانلار تەڭ، باراۋەر دەيدىغان ئىدىيە مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى ئادىل تەقسىم قىلىش ئىدىيىسى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى بولۇۋاتقان چوڭ پەرقنى يوق قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن، مەن كوممۇنىستىك ياشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولدۇم. 14 ياشقا كىرگەندە، مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكسىز قەغەزلەرنى قايتا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ئىشىغا كۆپ ۋاقىتنى چىقاردىم. ئائۇي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىم ئۈچۈن، ئۇ يەردىكى ھۆكۈمەت مېنى مۇكاپاتلاپ، شۇ شەھىرىنىڭ پەخىرلىك پۇقراسى دېگەن شان-شەرەپنى بەردى. تېخى ياش بولۇشۇمغا قارىماي، گ د ج دىكى بەزى ئاتاقلىق سىياسەتچىلەر بىلەن تونۇشتۇم. مەن يەتمەكچى بولغان مەقسەتلەر توغرا ۋە كېلەچىكىم پارلاق دەپ ئويلىدىم.
لېكىن، ئارزۇ-ئارمانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر كۈندىلا بەربات بولدى. 1989-يىلى، بېرلىن تېمى غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ياۋرۇپادىكى كوممۇنىست تۈزۈمىمۇ ئاخىرلاشتى. ھەممە نەرسە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. كۆپ ئۆتمەي، گ د ج ھاكىميەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى چۈشەندىم. مەسىلەن، كوممۇنىزمنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمىگەنلەر ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار دەپ ھېسابلانغان ئىكەن. بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى! بىز كوممۇنىستلار، ھەممە ئىنسانلارنىڭ تەڭ، باراۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنغۇ؟ كوممۇنىزم پەقەت خام خىيال بولغانمۇ؟ ئىچىم سىيرىلىپ، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كەتتىم.
مەن ھاياتىمدىكى مەقسەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، دىققىتىمنى مۇزىكا ۋە رەسساملىق كەسپىگە ئاغدۇرۇشنى قارار قىلدىم. مۇزىكا ئالىي تېخنىكومىنى تاماملاپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم. مۇزىكا ۋە رەسساملىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلدىم. بالىلىق چېغىمدا ئاتا-ئانام ئۆگەتكەن ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئاستا-ئاستا بىر چەتكە قايرىپ قويدۇم. ھازىر ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش كۆڭۈل ئېچىش ئىدى. مەسىلەن، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە قىز بىلەن ئۇچرىشىپ يۈردۈم. بىراق، مۇزىكا، رەسساملىق ۋە ئەركىن ھايات كەچۈرۈشمۇ غەم-تەشۋىشتىن قۇتۇلدۇرالمىدى. ھەتتا سىزغان رەسىملىرىم ئىچىمدىكى قورقۇنچنى ۋە غەم-ئەندىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. «كېلەچەكتە نېمە بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ياشايمەن؟»— دەپ ئويلايتتىم.
ئاخىرى، مېنى غەم-تەشۋىشكە سالغان سوئاللىرىمغا جاۋابنى تاپتىم. ئالىي تېخىنكومدا ئوقۇۋاتقاندا، بىر كۈنى كەچقۇرۇنلىقى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، سىنىپداشلار بىلەن كېلەچەك ھەققىدە سۆزلىشىپ ئولتۇردۇق. ئارىمىزدىكى ماندى a ئىسىملىك بىرى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى ماڭا ياخشى مەسلىھەتنى بەردى. ئۇ: «ئاندىرېياس، ھايات ۋە كېلەچەك ھەققىدىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى خالىسىڭىز، مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى تاپالايسىز»،— دېدى.
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمىدىم، يەنە بىر تەرەپتىن مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىغا قىزىقىش پەيدا بولدى. ماندى دىققىتىمنى پەيغەمبەر دانىيال كىتابىنىڭ 2-بابىغا قاراتتى. ئوقۇغانلىرىمدىن ھەيران قالدىم. بۇ بېشارەتتە، بۈگۈنكى كۈنگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بىر قاتار قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىلەر، يەنى ھۆكۈمەتلەر تەسۋىرلەنگەن ئىدى. ماندى مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا بېشارەتلەرنىمۇ كۆرسىتىپ، ئىنسانلارنى قانداق كېلەچەك كۈتىدىغانلىقىنى ئېيت بەردى. راستىنلا، سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم! لېكىن، بۇ بېشارەتلەرنى كىم يازغان؟ كىم كېلەچەك توغرۇلۇق شۇنچە ئېنىق بېشارەت قىلالىغان؟ ھەقىقەتەن خۇدا بارمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى
ماندى مېنى ئەر-ئايال يەھۋا گۇۋاھچلىرى خورست ۋە ئانگېلىكا بىلەن تونۇشتۇردى. ئۇلار ماڭا مۇقەددەس كىتابنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردەم بەردى. مەن پەقەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ «يەھۋا» دېگەن شەخسىي ئىسىمىنى دائىم ئىشلىتىدىغان ۋە بۇ ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىدىغان بىردىنبىر دىنىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم (زەبۇر 83:18؛ مەتتا 6:9). تەڭرى يەھۋا ئىنسانلارغا يەر يۈزىدىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم. زەبۇر 37:9-ئايەتتە: «يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار يەر يۈزىگە ئىگە بولار»،— دەپ يېزىلغانىدى. بۇ ئۈمىد مېنى بەك جەلپ قىلدى. چۈنكى، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىدىغان ھەر بىر كىشى شۇنداق ئاجايىپ ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.
بىراق، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ماس ياشاش ئۈچۈن، كۆپ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ ئاسانغا چۈشمىدى. مۇزىكا ۋە رەسساملىق ساھەسىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىم تۈپەيلىدىن تەكەببۇر بولۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى نۆۋەتتە كەمتەرلىكنى ئۆگۈنۈشۈمگە توغرا كەلدى. ئەخلاقسىز تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىشمۇ ئىنتايىن قىيىن بولدى. يەھۋا مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بار كۈچنى چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرگە سەۋر-تاقەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈۋاتقىنىدىن بەك مىننەتدارمەن!
18 يېشىمغىچە كاللامغا ئاتېئىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن، ئەمدى مۇقەددەس كىتابنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشىگە يول بېرىشنى قارار قىلدىم. ئالغان بىلىملەرنىڭ ياردىمىدە، كېلەچەكتىن غەم-ئەندىشە قىلىشنى تاشلاپ، مەنلىك ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدىم. 1993-يىلى، مەن يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. 2000-يىلى، قىزغىن ۋەز ئېيتىدىغان تابىتا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلەندىم. باشقىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە كۆپرەك ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىمىز. ۋەز قىلغاندا، ماڭا ئوخشاش كوممۇنىزم ۋە ئاتېئىزم ئىدىيىسى كاللىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلارنىڭ يەھۋا خۇدانى تونۇشىغا ياردەم بەرگەندە، كۆڭلۈم ھەقىقىي قانائەت تاپقاندەك ھېس قىلىمەن.
قانداق پايدا ئالدىم؟
مېنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا، ئاتا-ئانامنىڭ چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. لېكىن، كېيىنرەك ئۇلار، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدا كۆپ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ قىلىشىمغا ئىجابىي تەسىر قىلغانلىقىنى كۆردى. مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى، ھازىر ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
تابىتا ئىككىمىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، چۈنكى بىز مۇقەددەس كىتابتا ئائىلىلەر ئۈچۈن بېرىلگەن مەسلىھەتلەرگە ئەمەل قىلىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىمىز. مەسىلەن، «ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە داغ تەگكۈزمىسۇن»، دېگەن مەسلىھەت نىكاھىمىزدا ۋاپادارلىقنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ئىبرانىيلار 13:4.
ئەمدى مەن تۇرمۇشۇمدىن ۋە كېلەچەكتىن غەم-ئەندىشە قىلىپ قورقمايمەن. ھەقىقىي تىنچلىق ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان خەلقئارالىق چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. پەقەت بۇ ئائىلىدە ھەممە ئەزالار بىر-بىرىگە تەڭ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن دەل بۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تەشنا بولۇپ، ئارزۇ قىلغان ئىدىم.
a ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن