مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«ئاخىرقى كۈ‌نلە‌رنىڭ»،‏ يە‌نى ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگۈ‌لىرى نېمە؟‏

‏«ئاخىرقى كۈ‌نلە‌رنىڭ»،‏ يە‌نى ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگۈ‌لىرى نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ دۇ‌نيا تۈ‌زۈ‌مىنىڭ ئاخىرى،‏ يە‌نى «زامان ئاخىرىنىڭ»،‏ يېقىنلاشقان ۋاقتىنىڭ بە‌لگۈ‌سى بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر ۋە شارائىتلار تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏3،‏ ھ.‏ز‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ۋاقىت «ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ر»،‏ «ئاخىر زامان» ياكى «زامانلارنىڭ بېكىتىلگە‌ن ئاخىرقى نۇ‌قتىسى» دە‌پ ئاتىلىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1؛‏ دانىيال 8:‏19،‏ ھ.‏ز‏)‏.‏ ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ردە يۈ‌ز بېرىدىغان بە‌زى ئالاھىدە ۋە‌قە‌لە‌ر تۆ‌ۋە‌ندە كە‌لتۈ‌رۈ‌لگە‌ن:‏

  • دۇ‌نياۋىي ئۇ‌رۇ‌شلار (‏مە‌تتا 24:‏7؛‏ ۋە‌ھىي 6:‏4‏)‏.‏

  • ئاچارچىلىق (‏مە‌تتا 24:‏7؛‏ ۋە‌ھىي 6:‏5،‏ 6‏)‏.‏

  • قاتتىق يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر (‏لۇ‌قا 21:‏11‏)‏.‏

  • جۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر (‏لۇ‌قا 21:‏11‏)‏.‏

  • جىنايە‌تچىلىكنىڭ كۆ‌پىيىشى (‏مە‌تتا 24:‏12‏)‏.‏

  • ئىنسانىيە‌تنىڭ يە‌رنى گۇ‌مران قىلىشى (‏ۋە‌ھىي 11:‏18‏)‏.‏

  • ئادە‌ملە‌رنىڭ مۈ‌جە‌ز-‏خۇ‌لقى بۇ‌زۇ‌لغانلىقتىن،‏ كۆ‌پلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر «مىننە‌تدارسىز،‏ سادىقسىز،‏.‏.‏.‏ جاھىل،‏ تۆ‌ھمە‌تخور،‏ ئۆ‌زىنى تۇ‌تالمايدىغان،‏ ۋە‌ھشىي،‏ ھىممە‌تلىككە ئۆ‌چ،‏ ساتقۇ‌ن،‏ مە‌نمە‌ن» بولىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏4‏)‏.‏

  • ئائىلىلە‌ر ۋە‌يران قىلىنىدۇ،‏ ئادە‌ملە‌ر «تۇ‌غقانلىقتىن بە‌زگە‌ن» ۋە بالىلار «ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نمايدىغان» بولىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏2،‏ 3‏)‏.‏

  • نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى سوۋۇ‌پ كېتىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏12‏)‏.‏

  • دىنىي ئىككىۈ‌زلۈ‌كنىڭ ئېنىق كۆ‌رۈ‌نۈ‌شى (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏5‏)‏.‏

  • ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ر ھە‌ققىدىكى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا بە‌شارە‌تلە‌رگە تېگىشلىك بىلىمنىڭ كۆ‌پىيىشى (‏دانىيال 12:‏4‏)‏.‏

  • پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ پۈ‌تكۈ‌ل يە‌ر يۈ‌زىگە ۋە‌ز قىلىنىشى (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏

  • ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ر بە‌لگۈ‌لىرىنىڭ رە‌ت قىلىنىشى ۋە ھە‌تتا زاڭلىق قىلىنىشى (‏مە‌تتا 24:‏37—‏39؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏3،‏ 4‏)‏.‏

  • بە‌شارە‌تلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچىسى ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ممىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا يۈ‌ز بېرىشى (‏مە‌تتا 24:‏33‏)‏.‏

بىز «ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ردە» ياشاۋاتىمىزمۇ؟‏

ھە،‏ بۇ دۇ‌نيادا بولۇ‌ۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌ر ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خرونولوگىياسى ئاخىرقى كۈ‌نلە‌ر 1914-‏يىلى باشلانغانلىقىنى كۆ‌رسىتىدۇ.‏ شۇ يىلدىن تارتىپ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندا ھۆ‌كۈ‌مرانلىق قىلىشنى باشلاپ،‏ شە‌يتاننى ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلىرىنى ئاسماندىن يە‌رگە تاشلىدى.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرى پە‌قە‌ت يە‌ر بىلە‌ن چە‌كلە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي 12:‏7—‏12‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ ئىنسانىيە‌تكە بولغان تە‌سىرى ئاخىر زاماننى «ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىت» قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ يامان مۈ‌جە‌ز-‏خۇ‌لقى بىلە‌ن ھە‌رىكە‌تلىرىدىن كۆ‌رۈ‌نىدۇ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1‏)‏.‏