سپىرتلىق ئىچىملىككە تېگىشلىك مۇقەددەس كىتابنىڭ قۆزقارىشى قانداق؟ ئىچىملىك ئىچىش گۇناغا ياتامدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
ئىچىملىكنى مۆلچەرلىك ھالدا ئىچىش گۇناغا ياتمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب شاراپنى ھاياتىمىزنى كۆڭۈللۈك قىلىدىغان خۇدادىن كەلگەن سوۋغات دەپ تەسۋىرلەيدۇ (زەبۇر 104:14، 15؛ ۋەز 3:13؛ 9:7). شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس كىتابتا شاراپنىڭ داۋالاش ئۈچۈن پايدىسى بار ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ (تىموتىيغا 1-خەت 5:23).
ەيسا يەردە بولغاندا شاراپتىن باش تارتمىغان (مەتتا 26:29؛ لۇقا 7:34). ئۇ بىر تويدا مۆجۈزەۋىي ھالدا سۇنى شاراپقا ئايلاندۇرۇپ، مەرتلىك بىلەن ئىككى ياشقا سوۋغات قىلغان (يوھان 2:1—10).
ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىشنىڭ خەۋپى
مۇقەددەس كىتابتا شاراپنىڭ ياخشى تەرەپلىرى تىلغا ئېلىنسىمۇ، ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىش ۋە ھاراقكەشلىك ئەيىبلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھىيلەر سپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى پەقەت مۆلچەرلىك ھالدا ئىچىشى كېرەك (تىموتىيغا 1-خەت 3:8؛ تىتقا 2:2، 3). مۇقەددەس كىتابتا ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىشتىن نېمىشقا نېرى بولۇشىمىز كېرەكلىكىنىڭ بىرنەچچە سەۋەبى كەلتۈرۈلگەن.
ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىش ئويلاش قابىلىيىتىمىزگە يامان تەسىر قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 23:29—35). مەس ئادەم مۇقەددەس كىتابتىكى «ئەقىلنى ئىشلەتكەچ مۇقەددەس خىزمەتنى ئاتقۇرۇش ئۈچۈن، تېنىڭلارنى رەببىمىزگە ياقىدىغان تىرىك، مۇقەددەس قۇربانلىققا بېرىۋېتىڭلار» دېگەن ئەمىرنى ئورۇنلالمايدۇ (رىملىقلارغا 12:1).
ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچكەن ئادەم چەكتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئەقىل-زېھنىنى يوقىتىۋېتىدۇ، يەنى ياخشى نىيىتىدىن ئايرىلىدۇ (ھوشىيا 4:11؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:18).
بۇ كەمبەغەللىككە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە سالامەتلىككە يامان تەسىر قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 23:21، 31، 32).
خۇدا شاراپخورلۇق ۋە ھاراقكەشلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ (پەندى-نەسىھەت 23:20؛ گالاتىلىقلارغا 5:19—21).
ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
ھەددىدىن تاشقىرى ئىچكەن ئادەم ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا ھاراقكەش دەپ پەقەت ھوشىدىن كەتكىچە ئىچكەن ئادەم ئاتالمايدۇ. مەس ئادەم نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، پۇتىدا تۇرالماي، جېدەلگە ئاران تۇرىدۇ ۋە قالايمىقان سۆزلەيدۇ (ئايۇپ 12:25؛ زەبۇر 107:27؛ پەندى-نەسىھەت 23:29، 30، 33). ھەتتا مەس بولۇشتىن نېرى تۇرغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىچىپ، بۇنىڭ ئاچچىق ئاقىۋېتىنى كۆرۈشى مۇمكىن (لۇقا 21:34، 35).
ئىچىملىك ئىچىشنى تامامەن رەت قىلىش
مۇقەددەس كىتاب مەسىھىيلەرنىڭ قايسى ۋەزىيەتتە ئىچىملىك ئىچىشتىن تامامەن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ:
ئەگەر باشقىلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولسا (رىملىقلارغا 14:21).
ئەگەر سپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش قانۇنغا خىلاپ بولسا (رىملىقلارغا 13:1).
ئەگەر ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدىغان بولسا، ئىچىملىك ئىچىشتىن باش تارتىشى كېرەك. ھاراقكەشلىك بىلەن كۈرىشىۋاتقان ۋە ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىدىغان ئادەملەر بۇ يامان ئادىتىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك (مەتتا 5:29، 30).