كۆپ ئايال ئېلىشقا خۇدا قانداق قارايدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
قېدىمىي زاماندا خۇدا ئەرلەرگە بىرنەچچە ئايال ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان (يارىتىلىش 4:19؛ 16:1—4؛ 29:18—29). بىراق كۆپ ئايال ئېلىش خۇدانىڭ نىيىتى بولمىغان. خۇدا ئادەم ئاتىغا پەقەت بىرلا ئايال بەرگەن.
خۇدانىڭ ۋەكىلى بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، ئۇنىڭ نىكاھغا تېگىشلىك دەسلەپكى نىيىتىنى قايتىدىن ئورناتقان (يوھان 8:28). ئەيسا نىكاھغا تېگىشلىك سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ياراتقۇچى ئۇلارنى باشتىن ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى ۋە «شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىنى قالدۇرۇپ، ئۆز ئايالىغا چاپلىشىدۇ ھەم ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ»» (مەتتا 19:4، 5).
كېيىنىرەك خۇدانىڭ بىر خىزمەتچىسى: «ھەربىر ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئايالى بولسۇن ھەم ھەربىر ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئېرى بولسۇن»،— دەپ يازغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:2). مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، مەسىھىيلەر جامائىتىدە جاۋاپكار ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرىدىغان ئەر كىشىلەر «بىر ئاياللىق» بولۇشى كېرەك (تىموتىيغا 1-خەت 3:2، 12).