يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا ئاياللار ۋەز قىلامدۇ؟
ھەئە. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە مىليون ئاياللار ھەم ۋەز قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن-ئالا: «ئۇنى [خۇش خەۋەرنى] جار قىلغۇچى قىز-ئاياللار نېمە دېگەن زور بىر قوشۇندۇر»، دەپ يېزىلغان (زەبۇر 68:11).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدىكى ئايال ئېتىقادچىلار مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئەگىشىدۇ (پەندى-نەسىھەت 31:10—31). گەرچە ئۇلار جامائەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى قولغا ئالمىسىمۇ، ۋەز خىزمەتكە پائال قاتنىشىدۇ. بالىلىرىغىمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئۆگىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 1:8). گۇۋاھچى ئاياللار گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (تىتۇسقا 2:3—5).