يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسا پەيغەمبەرگە ئىشىنەمدۇ؟
ئىشىنىمىز. ئەيسا پەيغەمبەر: «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ»، دېگەن (يۇھاننا 14:6). بىز ئەيسا پەيغەمبەر ئاسماندىن يەرگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىنسانىي ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز (مەتتا 20:28). ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھاياتقا يول ئاچقان (يۇھاننا 3:16). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز پات-ئارىدا پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىنچلىقنى ئورنىتىدىغان خۇدانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىدا ئەيسانىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز (ۋەھىي 11:15). ئەمما، بىز ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ «ئاتا مەندىن ئولۇغدۇر»، دېگەن سۆزلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن قولاق سالىمىز (يۇھاننا 14:28). شۇ سەۋەبتىن، بىز ئەيساغا ئىبادەت قىلمايمىز ۋە ئۇنى ھەممىگە قادىر خۇدا، دەپ قارىمايمىز.