يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئامېرىكىدىكى بىر دىنىي مەزھەپمۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ دۇنياۋىي باش ئىدارىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا جايلاشقان. ئەمما، بىز ئامېرىكىدىكى بىر دىنىي مەزھەپ ئەمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئادەتتە مەزھەپ دېگەن سۆزگە «بىر دىندىن بۆلۈنۈپ چىققان بىر دىنىي توپ ياكى گۇرۇپپا»، دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھېچقانداق دىندىن بۆلۈنۈپ چىقمىغان. ئەكسىچە، بىز 1-ئەسىردە پەيدا بولغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى كەبى ئىبادەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردۇق، دەپ قارايمىز.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 230دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونلاردا قىزغىن ۋەز ئېيتىۋاتىدۇ. مەيلى قەيەردە ياشايلى، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي ھۆكۈمەتكە ئەمەس، پەقەت يەھۋا خۇدا بىلەن مەسىھ ئەيساغا سادىق بولىمىز (يۇھاننا 15:19؛ 17:15، 16).
بىزنىڭ بارلىق تەلىملىرىمىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى قانداقتۇ بىر دىنىي رەھبەرنىڭ يازمىلىرىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:13).
بىز قانداقتۇ بىر ئىنسانغا ئەمەس، مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىمىز (مەتتا 23:8—10).