فىلىپپىن. 1-رەسىم ئالبۇمى (فېۋرال، 2014—ماي، 2015)
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ فىلىپپىن كېسون شەھىرىدىكى بەيتەلدە يېڭى ئىمارەتلەرنى سېلىش ۋە بار بېنالارنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. فىلىپپىن ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار ھازىر ياپونىيىدە بېسىلغانلىقتىن، بۇرۇنقى باسمىخانا كومپيۇتېر، يەرلىك لايىھە ۋە قۇرۇلۇش، تېخنىكىلىك خىزمەت، ماتېرىياللارنى يۆتكەش ۋە تەرجىمە بۆلۈملىرىگە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. بۇ رەسىم ئالبۇمى 2014-يىلنىڭ فېۋرال ئېيى بىلەن 2015-يىلنىڭ ماي ئېيى ئارىلىقىدىكى بۇرۇنقى باسمىخانا بىناسى ۋە باشقا بىنالاردا قانداق ئىش قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. پىلان بويىچە بۇ لايىھە 2016-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا تاماملىنىدۇ.
2014-يىل، 28-فېۋرال: 7-بېنا
ۋاقىتلىق ئىشچىلار مەخسۇس قوغداش كىيىمىنى كىيىپ، يېڭى ئەينەكتاللىق ئىزولياسىيا ماتېرىئالىنى نەمدىن ساقلاش ئۈچۈن قاچىلاۋاتىدۇ.
2014-يىل، 2-ئاپرېل: 7-بېنا
ئىشچىلار فىلىپپىن ئىشارەت تىلى فىلىمستۇدىياسىنىڭ تورۇسىنى پۈتۈرىۋاتىدۇ. تورۇستىكى تۆرتبۇلۇڭ تۆشۈكلەردە ھاۋا تەڭشەش ۋە ئىسسىتىش سىستېمىلىرىدىن چىققان ھاۋانى ستۇدىيادە تەڭ تەقسىم قىلىدىغان HVAC دىففۇزورلار ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
2014-يىل، 21-ئوكتيابر: كېسون-سىتىدىكى قۇرۇلۇش مەيدىنى
مەركەزلەشتۈرۈلگەن سوغ سۇ سىستېمىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەرنى كولاش. يېڭى سىستېما فىلىئالنىڭ ھەممە ئىمارەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
2014-يىل، 19-دېكابر: 1، 5 ۋە 7-ئىمارەتلەرنى قوشىدىغان ئاسما كۆرۈك
يېڭى يېپىلغان ئاسما كۆرۈك چوڭ بېنالارنىڭ ھەممىسىنى قوشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاشخانا ئورۇنلاشقان 1-ئىمارەتمۇ بار. بۇ ئاسما كۆرۈك 7-ئىمارەتتە خىزمەت قىلىدىغان 300دىن ئوشۇق ئىشچىلارغا ئالاھىدە قولايلىق بولىدۇ.
2015-يىل، 15-يانۋار: 5-بېنا
50 توننىلىق كران چېدىر ياپىدىغان تۆمۈرنى كۆتىرىۋاتىدۇ. يەرلىك ياللانغان قۇرۇلۇشچىلار ھەرخىل كۆلەمدىكى كرانلارنىڭ ئىشىنى باشقۇرىدۇ.
2015-يىل، 15-يانۋار: 5ا-بېنا (يانداپ قۇرۇلغان بېنا)
ئىككى قەۋەتلىك 125 كۋادرات مېترلىق يانداپ قۇرۇلغان بېنادا ئىككى ھاجەتخانا، پەلەمپەي ۋە لىفت بولىدۇ. ھاجەتخانىلار بىلەن پەلەمپەينى يانداپ قۇرۇلغان بېنانىڭ ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، يېنىدىكى 5-ئىمارەتتە ئورۇن بوشىتىشقا يول قويىدۇ. لىفت 5-ئىمارەتتە ئەمەس، يانداپ قۇرۇلغان بېنانىڭ ئىچىدە بولغانلىقتىن، لىفتنىڭ ئاۋازى ئاۇدىئو ياكى فىلىم يېزىلغان چاغدا دەخىل يەتكۈزمەيدۇ.
2015-يىل، 15-يانۋار: 5ا-بېنا (يانداپ قۇرۇلغان بېنا)
ئىشچىلار قۇياشنىڭ ئىسسىغىدىن قوغدايدىغان كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا ئارماتۇرلۇق كاركاسنى قوراشتۇرىۋاتىدۇ. كۈندۈزى ئەڭ ژۇقۇرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يانۋار ئېيىدا 29 °C ، ئاپرېل ئېيىدا بولسا تەخمىنەن 34 °C يېتىدۇ.
2015-يىل، 5-مارت: 5-بېنا
ئىشچىلار توپى چېدىرنىڭ كاركاسىنى ياغاچ برۇسلار بىلەن كۈچەيتىۋاتىدۇ. 5-بېنا ئۈچۈن تەخمىنەن 800 دانە قاتتىق ياغاچ تۈرلىرىدىن قىلىنغان برۇسلار پايدىلىنىلغان.
2015-يىل، 17-مارت: 5-بېنا
بىر كىچىك قۇرۇلۇش لايىھىسى ئۈچۈن بېتوننى قول بىلەن ئارىلاشتۇرۇش. قۇرۇلۇشتا ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاۋسترالىيا، كانادا، فرانسىيا، ياپونىيا، يېڭى زېلاندىيا، جەنۇبىي كورېيا، ئىسپانىيا، ئاقش ۋە باشقا مەملىكەتلەردىن كەلگەن 100دىن ئوشۇق ئىشچىلار بار.
2015-يىل، 25-مارت: 5-بېنا
5-بېنانىڭ چېدىرىنى پولات تاختىلار بىلەن يېپىش. بۇرۇن بۇ يەردە تەرجىمە بۆلۈمى جايلاشقان. جۆندەش ئىشى پۈتكەندىن كېيىن مەزكۈر بېنادا ئاۇدىئو ۋە فىلىميازما ھەم خىزمەت بۆلۈملىرى ئورۇنلىشىدۇ.
2015-يىل، 13-ماي: 5-بېنا
پىدائىي خىزمەتچى ئىشخانىلارنىڭ كاركاسى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مېتاللىق پروفىلنى چوڭ ھەرە بىلەن كېسىۋاتىدۇ.