مىڭىنچى ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشى
2013-يىل ئاۋغۇست ئېيىدا فىلىپپىندىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە ۋەقە يۈز بەردى، چۈنكى ئۇ يەردە ئۆزگىچە قۇرۇلۇش پروگراممىسى بويىچە مىڭىنچى ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ بولدى. كۆپلىگەن باشقا دۆلەتلەردىكى جامائەتلەرگە ئوخشاش، فىلىپپىندىكى جامائەتلەردىمۇ ئىبادەت زالى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئىقتىساد ياكى بۇ ساھەدە تەجرىبىسى كەمچىل بولغان. بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان جامائەت يىغىلىشلىرىنى شەخسىي ئۆيلەردە ياكى بامبۇكتىن ياسالغان كەپىلەردە ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ سانى فىلىپپىندىمۇ، باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆپەيگەنسېرى، يېڭى ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش ئېھتىياجى ھەم كۆپەيدى. شۇ سەۋەبتىن، 1999-يىلى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى ئىقتىسادى يېتىشمەيدىغان دۆلەتلەردىكى ئىبادەت زاللىرى قۇرۇلشى پروگراممىسىنى تەييارلىدى. مۇشۇ پروگرامما بويىچە يەرلىك گۇۋاھچىلار قۇرۇلۇشقا ئۆز مۇمكىنچىلىكلىرىگە قاراپ ئىئانە قىلىدۇ. قۇرۇلۇشقا يېتىشمىگەن ئىقتىىساد بولسا، باشقا دۆلەتلەردىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىختىيارىي ئىئانىلىرىدىن قوشۇلىدۇ. مەخسۇس تەربىيىلگەنگەن قۇرۇلۇش ئەترىتى جامائەتلەرنىڭ ئىبادەت زاللىرىنى سېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 2001-يىل نويابىر ئېيىدا مۇشۇ خەلقئارالىق پروگرامما فىلىپپىندا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.
فىلىپپىندىكى مىڭىنچى ئىبادەت زالى مارىلائودا (بۇلاكان ئۆلكىسى) سېلىندى. شۇ يەردىكى گۇۋاھچى بولغان ئىلۇمىنادو مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئائىلىسنىڭ ئەزاسى بولۇش قانچىلىك ئاجايىپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ياش ياكى قېرى بولسۇن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى. بىز كۆيدۈرۈپ تۇرغان كۈننىڭ ئىسسىقىدا مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئىشلىدۇق. گەرچە بىز ئەتىدىن كەچكىچە تەر تۆكۈپ، كەچقۇرۇن قاتتىق ھېرىپ كەتسەكمۇ، بىرلىكتە قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەندە، خۇشاللىقىمىزدىن قىنى-قىنىمىزغا پاتماي قالاتتۇق».
پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، گۇۋاھچى ئەمەس ئادەملەرمۇ ھەيران قالغانىدى. قۇرۇلۇش مەيدانىغا شېخىل تاش بىلەن قۇم توشۇيدىغان يۈك ماشىنىسىنىڭ ئېگىسى مۇنداق دېگەن: «سىلەر شۇنچىلىك كۆپ بولۇپ، مىغىلدىغان چۈمۈلىلەردەك بىر-بىرىڭلارغا ياردەم بېرىدىكەنسىلەر! مەن بۇنداق ئىشنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن!»
پىدائىي خىزمەتچىلەر ئىمارەتنىڭ تاملىرىنى تېزلىكتە تۇرغۇزۇپ، بىر يېرىم ئاي ئىچىدە پۈتتۈردى. قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ، جامائەتتىكىلەر مۇھىم بىر ئىشنى، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى داۋاملاشتۇردى (مەتتا 24:14).
يەرلىك جامائەتتىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى ئېلېن ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇنقى ئىبادەت زالىغا سىغماي، بەزىلىرىمىزنىڭ تالادا ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلەتتى. يېڭى ئىبادەت زالىمىز چىرايلىق، كەڭ-تاشا ھەم تېخىمۇ قولايلىق بولغاچقا، ھەممىمىز جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئاڭلايدىغان يول-يورۇقلاردىن كۆپرەك پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، ئىلھام ئالىمىز».